ئامېرىكىنىڭ موللا مەنسۇرنى قولغا چۈشۈرۈشكە قىل قالغاندا قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تالىباننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن رەھبىرى موللا ئەختەر مۇھەممەد مەنسۇرنى 2016 – يىلى سودا – سېتىق قىلىش ۋە ياردەم توپلاش ئۈچۈن دۇبەيگە بارغان چېغىدا، قىل پېيى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئاشكارىلاندى.

937932
ئامېرىكىنىڭ موللا مەنسۇرنى قولغا چۈشۈرۈشكە قىل قالغاندا قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئالاقىدار خادىملارنىڭ موللا مەنسۇرنىڭ 2016 – يىلى باھاردا پاكىستاننىڭ ساختا كىملىكىنى ئىشلىتىپ دۇبەيگە بارغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

گېزىت، 2016 – يىلى فېۋرالدا ئافغانىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە تالىبان ئارىسىدا باشلانغان دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، مەنسۇرنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ئارىسىدا دەتالاش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موللا مەنسۇرنىڭ ئىزچىل ھالدا دۇبەيگە بېرىپ – كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى يازغان گېزىت،  بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ بۇ ساياھەتلەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، مەنسۇردىن تالىبان بىلەن ئافغانلار ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا پايدىلىنىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، يەنە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ بولسا، موللا مەنسۇرنى قولغا ئېلىپ، تالىباننى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قىستاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر قىسىم ئاقساراي ئەمەدارلىرى يەرلىك ئەمىرلىكلەرنىڭ تالىبان رەھبىرىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈش خەۋپىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەقەت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىنلا موللا مەنسۇرنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىش پىكىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما، بىر قىسىم ئەمەلدارلار، موللا مەنسۇرنى بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قولغا ئېلىشى كېرەك دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسارايدىكى دەتالاش داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، موللا مەنسۇرنىڭ پىلاندىكىدىن بۇرۇن دۇبەيدىن كېتىدىغانلىقى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ئۆز دەۋرىنىڭ ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇزان رايسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە تېلېفون قىلىپ، مەنسۇرنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېزىت، باش ئەلچىنىڭ رايسقا قايتۇرۇپ تېلېفون ئېلىپ، مەنسۇر ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىپ بولغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، رايسنىڭ بولسا، ئايروپىلاننى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما باش ئەلچىنىڭ بۇنى قىلىش ئۈچۈن بەكلا كېچىكىپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېزىت، «خۇلاسىلىگەندە، بىر قاتار خاتا چوت سوقۇشلار ۋە بىر خىيانەت ئىېھتىمالىنىڭ مەنسۇرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئىرانغا، ئۇ يەردىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن قويۇپ بېرىلگەن ھېلفاير بومبىسى بىلەن كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇلغان پاكىستانغا كېتىشىگە سەۋەب بولدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

بەزى ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ دەتالاش مۇساپىسىنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېزىت، يەنە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەنسۇر قېچىپ كەتتى، دېگەن ئۇچۇرنى ئۇيدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ قېچىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ سابىق جاسۇسى برۇس رېيدېل، «ئۇلار (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) نىڭ قىلىدىغان ئەڭ ئېغىر ئىشى مەنسۇرنى دۇبەيدە قولغا ئېلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن ياردەم توپلاشقا كەلگەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت بولاتتى» دېيىش ئارقىلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەنسۇرنىڭ قېچىشىغا ياردەم قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 2016 – يىلى 20 – مايدا پاكىستاندا موللا مەنسۇرنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق مەنسۇر ۋە شوپۇرىنى ئۆلتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر