مالىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىنىڭ جەنۇبىدىكى موپتى رايونىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

934318
مالىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىنىڭ جەنۇبىدىكى موپتى رايونىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلاردا 8 ئادەم ئۆلدى.

مالى ئارمىيەسى باياناتچىسى موپتى رايونىغا جايلاشقان كورو شەھىرىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان سابېرې يېزىسىدا نۇرغۇن ئۆيگە ئېتنىك توقۇنۇشلار ئەسناسىدا ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى رايوندىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، توقۇنۇشلاردا 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇركىنا پاسو چېگراسىغا يېقىن موندورو شەھىرىدىمۇ بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇنسۇرلار كوچىدىكى كىشىلەرگە ئوق چىقىرىپ 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

باش مىنىستىر سومەيلو بوبېيې مايگا ئىككى قەبىلە ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن رايونغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

دوگون ۋە پۇلانى قەبىلىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇرۇن ئىككى قەبىلە ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ۋە مۇرەسسەلىشىش مىنىستىرلىقى ھىمايىسىدە پايتەخت باماكودا كۆرۈشكەنىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىككى قەبىلە ئارىسىدا يەر غەۋغاسى سەۋەبىدىن چىققان ۋەقەدە 20 ئادەم ئۆلۈپ نۇرغۇن ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىلدى. بۇ رايوندا يەنە بۇلتۇر ئىيۇن ئېيىدىمۇ ئىككى قەبىلە ئارىسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ 30 ئادەم ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر