قورال سودىسى يېقىنقى يىللاردا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە «جانلاندى»

سىتوكھولۇم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستېتۇتى دۇنيا قورال سودىسى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

927643
قورال سودىسى يېقىنقى يىللاردا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە «جانلاندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىتوكھولۇم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستېتۇتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قورال ئېكسپورتى 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئالدىنقى بەش يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە ئاشقان.

دۇنيادىكى قورال سودىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قەيت قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ قورال ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئەڭ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر بولغان بولسا ، سەئۇدى ئەرەبىستان  ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قورال ئىمپورت قىلغان دۆلەت ئىكەن.

ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى رىياد ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى بەش يىلدىكى قورال ئېھتىياجىنىڭ %98نى قامدىغان.   

2015-يىلدىن ھازىرغىچە يەمەندە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى قورال ئىمپورتى ئالدىنقى بەش يىلغا سېلىشتۇرغاندا %25 ئاشقان.

دوكلاتتا دۇنيادىكى قوراللارنىڭ ئۈچتە بىرىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ۋە ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ قورال ئېكسپورتىنى كېيىنكى بەش يىلدا ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %25 ئاشۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا بۇ مەزگىللەردە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قورال ئېكسپورت قىلدى.

دوكلاتتا  ئامېرىكىدىن قالسا رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ بەش دۆلەتنىڭ دۇنيا قورال سودىسىنىڭ %74نى مونۇپۇل قىلىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا گېرمانىيەنىڭ 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردىكى قورال ئېكسپورتىنىڭ 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %14 ئازايغانلىقى، بىراق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قىلغان قورال ئېكسپورتىنىڭ بولسا %109 ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ قورال ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى، تۈركىيەنىڭ بولسا قورال ئېكسپورتىنى ئىزچىل ئاشۇرۇپ ماڭغان دۆلەت ئىكەنلىكى  قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە ئالدىنقى بەش يىلغا سېلىشتۇرغاندا قورال ئېكسپورتىنى %145 ئاشۇرغان.

ئىسرائىلىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەمۇ قورال ئېكسپورتىنى ئاشۇرغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

دوكلاتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قورال ئىمپورت قىلىدىغان ھىندىستاننىڭ دۇنيا قورال ئىمپورتىنىڭ %12سىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، بۇ دۆلەتنىڭ قورال ئېھتىياجىنىڭ %62نى رۇسىيەنىڭ قامدايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا كېيىنكى بەش يىلدا دۇنيا قورال سودىسىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %10 ئاشقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلىنغان قورال ئېكسپورتىدىمۇ كۆرىنەرلىك ئېشىش بارلىققا كەلگەن بولسا، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قورال ئېكسپورتى نىسبەتەن ئازايغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر