دائېش رەھبىرىنىڭ قىز قېرىندىشى مۇددەتسىز قاماق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئىراق مەركىزىي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ قىز قېرىندىشىنى تېررورىزمنى قوللاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ  مۇددەتسىز قاماق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

925635
دائېش رەھبىرىنىڭ قىز قېرىندىشى مۇددەتسىز قاماق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇسسەتتار بايراقتار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى باغدادىنىڭ تېررورىزم جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقان قىز قېرىندىشىنى مۇددەتسىز قاماق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باغدادىنىڭ قىز قېرىندىشىنىڭ سوراق قىلىنىش جەريانىدا دائېشقا ئارقا سەپ تەمىناتى جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى، مۇسۇلدىكى دائېش ئەزالىرىنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېيتقان بايراقتار، باغدادىنىڭ قىز قېرىندىشىنىڭ يولدىشىنىڭمۇ دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭمۇ ئىلگىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر