جەنۇبىي كورېيەدە جىنسىي جىنايەت سادىر قىلغان ئەسكەرلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

جەنۇبىي كورېيە ھەربىي سوتى جىنسىي جىنايەت سادىر قىلغان ئەسكەرلەرگە قەتئىي رەھىم قىلماسلىقىنى قارار قىلدى.

915237
جەنۇبىي كورېيەدە جىنسىي جىنايەت سادىر قىلغان ئەسكەرلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى جىنسىي جىنايەت سادىر قىلغان ھەربىي خادىملارنى قاتتىق جازالاشنى پىلانلىماقتا.

دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتا، جەنۇبىي كورېيە ھەربىي سوتىنىڭ جىنسىي جىنايەت سادىر قىلغان ھەربىي خادىملارغا قەتئىي رەھىم قىلماسلىقنى قارار قىلغانلقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، باسقۇنچىلار ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلۈپ جىنسىي پوخۇرلۇق قىلغۇچىلارغا  ئۇنۋان بېرىلمەيدىكەن، جىنسىي زورۋانلىق قىلغۇچىلارغا يانتاياق بولغۇچىلارمۇ جازالىنىدىكەن.

ئارمىيە سېپىدىكى ھەربىي خادىملارغا جىنايىي ئىشلار مەسىلىسى بويىچە تەلىم بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر