ياۋروپا ئىتتىپاقى 2025-يىلى غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى پىلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى غەربىي بالقان رايونىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن 2025-يىلى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

905301
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2025-يىلى غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى پىلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى غەربىي بالقان رايونىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ھەققىدە توختىلىپ؛ «2025-يىلى ئېنىق بېكىتىلگەن ۋاقىت ئەمەس، بىراق ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان نۇقتىئىينەزەردۇر» دېدى.

موغېرىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى جوھاننېس خان سترازبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ غەربىي بالقان رايونىغا مۇناسىۋەتلىك كېڭىيىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.

موغېرىنى غەربىي بالقان رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن ياۋروپانىڭ بىر پارچىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئوخشاش مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالتە دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا نامزات ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق كېلەچەككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئالبانىيە بىلەن قاراتاغنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ دۆلەتلەر ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە رايون دۆلەتلىرى توغرىسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، 2018-يىل 17-مايدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېلەركى ئايلاردا بۇ توغرىدا قىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 27 دۆلەت بىلەن چەكلىنىپ قالىدىغان بىر ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ئىتتىپاقنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىشنى خالايمىز، ئەمما بۇنى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەمەس، بەلكى بىز بار ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجابىي نەتىجىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى جوھاننېس خان: «86 مىليون نوپۇس ياشايدىغان بىر رايون ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز، بىز ياكى مۇقىملىقنى رايونغا ئېكسپورت قىلىمىز ۋەياكى مۇقىمسىزلىقنى ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ غەربىي بالقان رايونىنىڭ ياۋروپا ئىتىتپاقى ئەزالىقىغا تەييارلىنىشى ئۈچۈن ئالتە ماددىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئالتە ماددىنىڭ، قانۇننىڭ مۇھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى كۈچەيتىش، بىخەتەرلىك ۋە كۆچمەنلەر، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە تورلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇرەسسەچىلىك ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى قوللاش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ نامزات دۆلەتلەر ئىچىدىكى كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر