ئامېرىكىدا 13 بالىسىنى ئۆيىگە سولىۋالغان ئاتا – ئانا نازارەتكە ئېلىندى

ئۆيگە سولىۋېلىنغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

889422
ئامېرىكىدا 13 بالىسىنى ئۆيىگە سولىۋالغان ئاتا – ئانا نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 13 بالىسىنى ئۆيىگە سولىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتا – ئانا نازارەتكە ئېلىندى.

ئامېرىكا مېدىياسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى مەسئۇللىرى پېررىس شەھىرىدىكى بىر ئۆيدە، بەزىلىرى كارۋاتلىرىغا زەنجىر بىلەن باغلانغان 2 ياشتىن 29 ياشقىچە 13 ئاكا – ئۇكىنى گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرغانلىقى بايقالغان 57 ياشلىق داۋىد ئاللېن تۇرپىن ۋە 49 ياشلىق ئايالى لۇس ئاننا تۇرپىننى تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆيگە سولاپ قويۇلغان 17 ياشلىق قىزنىڭ ئۆيدىن بىر يان فوننى تېپىپ ساقچىغا تېلېفون قىلغانلىقى ۋە ئۆيدىن قىچىپ چىققانلىقى، ساقچىلار قىزنىڭ باياناتلىرىغا بىنائەن ئۆيگە باستۇرۇپ كېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئۆيدىكى بالىلارنىڭ بەزىلىرى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ساقچى مەسئۇللىرى، بالىلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پەرزەنتلىرىنى ئۆيگە سۇلۇۋالغان ئاتا – ئانا نازارەتكە ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر