زارىف: ئامېرىكا «يادرو كېلىشىمى» گە رىئايە قىلسا ئىرانمۇ رىئايە قىلىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «يادرو كېلىشىمى» گە رىئايە قىلسا ئىراننىڭمۇ رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

886972
زارىف: ئامېرىكا «يادرو كېلىشىمى» گە رىئايە قىلسا ئىرانمۇ رىئايە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زارىف تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېل ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئىراننىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى « IRIB» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 3 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دۆلىتىمىز يادرو كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئۇچرىششىشلىرىمىزدىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلسا، ئىرانمۇ رىئايە قىلىدۇ.»

ئىران بىلەن (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق)  5+1 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمى ۋە ئورتاق ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە بىريۇسسېلدا تۈنۈگۈن چاقىرىلغان يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان  قىلغان فېدېرىكا موغېرىنى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ شۇ كۈنلەردە يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر