دونالد ترامپ يەنە مەسخىرىگە قالدى

دونالد ترامپ نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېنا سولبېرگ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزىدىن ئېزىپ كەتتى.

886237
دونالد ترامپ يەنە مەسخىرىگە قالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېنا سولبېرگ بىلەن ئاق سارايدا قوشما ئاخبارات ئېلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىنىدىكى خاتا سۆزلىرى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. 

دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ نورۋېگىيەگە «F-52» ۋە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تاپشۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزى «ترامپ زادى نېمە دېمەكچى؟» دېگەن ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

چۈنكى ئامېرىكا «F-52» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلان ئىشلەپچىقارمايدۇ. بىراق نورۋېگىيەگە 52 دانە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلاردىن دەسلەپكى قەدەمدە نويابىر ئېيىدا 3 دانە تاپشۇرۇلغان ئىدى. 

يىغىن زالىدىكى ئىنكاسلاردىن ئۆزىنىڭ خاتا سۆز قىلغانلىقىنى بىلگەن ترامپ ۋەزىيەتنى ئوخشىشۋېلىشقا تىرىشتى. «جەمئىي 52 دانە ساتتۇق. ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ھازىردىن باشلاپلا تاپشۇرۇشقا باشلىدۇق، ھەتتا بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن بۇرۇن تاپشۇردۇق. 10 مىليارد دوللارلىق زاكاس ئالغان ئىدۇق» دېدى.

ترامپنىڭ بۇ ئەھۋالى تىۋىتتېردا بولۇشىغا مەسخىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر