خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال چاڭ ۋەنچۈەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.

873058
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت كېڭىشى ئەزاسى مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال چاڭ ۋەنچۇەن ئۆزبېكىستانغا باردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەنچۇەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  مىرزىيويېۋنىڭ كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەكىتلەپ ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئسىتراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش لازىملىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆزبېكىستان ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى ۋە مۇداپىئە قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى،  خىتاينىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتنى ئاساس  قىلغان ھەھكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر