ئەنگلىيەنىڭ لىۋاندىكى دىپلوماتى ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى

ئەنگلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئايال دىپلوماتى رېبىكا دىكېس بىر تاشيول ئەتراپىدا ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى.

870483
ئەنگلىيەنىڭ لىۋاندىكى دىپلوماتى ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ساقچى ئىدارىسى ئەنگلىيە دىپلوماتى رېبىكا دىكېس توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 16-دېكابىر كەچتە ساقچى خادىملىرىنىڭ بېيرۇتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مەتن رايونىدىكى تاشيول ئەتراپىدا بىر ئايال كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

 باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۆلۈم سەۋەبى ۋە كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەدلىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان جەسەتنىڭ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەنگلىيەنىڭ بېيرۇت ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان 30 ياشلىق رېبىكا دىكېسنىڭ ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

باياناتتا، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنى توغرىلاپ، لىۋان دائىرىلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

لىۋان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئەنگلىيە دىپلوماتىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىنغاندىن كېيىن، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دىكېسنىڭ ئائىلەسى ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە دىپلوماتى دىكېس ئىراق بىلەن لىۋىيەدىمۇ خىزمەت قىلغان بولۇپ، 2017-يىلى يانۋاردىن باشلاپ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر