سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىلىرىنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

تۇتقۇن قىلىنغان شاھزىدىلەرگە ئالاقىدار بەزى تەپسىلاتلار ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «İngiliz Daily Mail» گېزىتىدە ئاشكارىلاندى.

853705
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىلىرىنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان شاھزىدىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركەتلىرىدىكى ياللانما ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «İngiliz Daily Mail»  گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ نازارەتتىكى شاھزادىلەرنى سوراق قىلغانلىقى، ئۇرۇپ، پۇتىدىن ئېسىپ قويغانلىقى، كەمسىتىپ، تەستەك ئۇرۇپ، ھاقارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

خەۋەردە بۇ شاھزادىلەر ئىچىدە تۈركىيەنىڭ بودرۇم شەھىرىدىكى تەتىل جەريانىدا پۈتۈن بىر خەزىنى خىراجەت قىلغاندەك پۇل خەجلىگەنلىكى بىلەن تۇنۇلغان شاھزادە تەلالنىڭمۇ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

«İngiliz Daily Mail»  گېزىتىگە بايانات بەرگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مەنبە، پايتەخت رىيادتىكى ئالىي دەرىجىلىك بىر مېھمانخانىدا نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنى چەت ئەللىك ئەسكەرلەرنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەمممەد بىن سەلمان نازازەتكە ئېلىنغانلارغا سەئۇدى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قارىشىنى خالىمايدۇ. مېھمانخانىنىڭ سىرتىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى بار. ئىچىدە چەت ئەلنىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركەتلىرى خادىملىرى بار. ئۇلار ئەبۇدابىدىن كېلىپ،  ھەممە نەرسىنى كوتىروللۇقى ئاستىغا ئالدى. مۇھىم بىر ئىش بولغاندا سەلمان ئۆزى كېلىپ ئىنتايىن يۇمشاق سوئاللارنى سورايدۇ. ئۇ ياتاقتىن چىققاندىن كېيىن ياللانما ئەسكەرلەر ئىچكىرىگە كىرىپ، نازارەتتىكىلەرگە ھاقارەت ياغدۇرىدۇ، ئۇلارنى تەستەكلەيدۇ، ئېسىپ قويىدۇ، قىيىن – قىستاققا ئالىدۇ»

تەخمىنەن 3 ھەپتە ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ رىياەستچىلىكىدە باشلانغان چىرىكلىكە قارشى ھەرىكەتتە ئاز دېگەندىمۇ 11 شاھزادە، ئونلىغان كارخانىچى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر