ي خ ھ ت تەۋەلىكىدىكى ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

ئۆتكەن بىر يىلدا ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا شەخس ۋە ئورگانلارغا قىلىنغان ئىرقچى ۋە چەت ئەللىكنى يامان كۆرۈش دائىرىسىدە 2154 ئۆچمەنلىك جىنايىتى سادىر قىلىندى.

849584
ي خ ھ ت تەۋەلىكىدىكى ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىك (ي خ ھ ت) ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئىشخانىسى، 2016 – يىلى 48 ئەزا دۆلەتتە مەيدانغا كەلگەن ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى؛ مەزكۇر يازما باياناتتا، ئۆتكەن يىلى ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى 5998 ئايرىم ئۆچمەنلىك جىنايىتى سادىر قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىرقچى ۋە چەت ئەللىكنى يامان كۆرۈش سەۋەبلىك سادىر قىلىنغان ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى 2154 كە يېتىپ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان؛ يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قارشى 1661، خىرىستىيانلارغا قارشى 509، مۇسۇلمانلارغا قارشى 371 قېتىم ئۆچمەنلىك جىنايىتى سادىر قىلىنغان.

باياناتتا يەنە، پەرقلىق جىنس ۋە كىملىككە ئىگە كىشىلەرنىڭ 687 قېتىم زورلۇق ئارىلاشقان ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىك ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئىشخانىسى دىرېكتورى ئىنگىبجۆرگ سولرۇن گىسلادوتتىر بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئەپۇچانلىق كۈنىدە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدىكى ئايرىمىچىلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشكە مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەسسە قوشۇشنى ئويلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆچمەنلىك ئارىلاشقان ھەر تۈرلۈك جىنايەت ۋە جىنايەت ئامىلىغا قارشى پائال كۈرەش قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر