گوللاندىيەلىك تۈرك سىياسەتچى ۋىلدېرسنىڭ سۆزلىرىگە جايىدا جاۋاب قايتۇردى

گوللاندىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى گىرت ۋىلدېرس، پارلامېنت ۋە ئىچكى كابىنېتتا پەقەت گوللاندىيەلىكلەرنىڭلا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

839082
گوللاندىيەلىك تۈرك سىياسەتچى ۋىلدېرسنىڭ سۆزلىرىگە جايىدا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرت ۋىلدېرس گوللاندىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، «بۇ گوللاندىيە پارلامېنتى. بۇ يەردە گوللاندىيەلىك بولۇشى كېرەك. مەن پارلامېنتتا تۈرك، ماراكەشلىك ياكى بىر شىۋېتسىيەلىك بولۇشىنى خالىمايمەن. مېنىڭ بۇنى دېيىش ھەققىم يوقمۇ؟ بۇ مېنىڭ دۆلىتىم» دېدى.

پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىنىستىرلارنىڭ قوش پۇقرا بولۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋىلدېرس، ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەتكە ساداقەتمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا پارلامېنتىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە ساداقەتمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى پارلامېنتتا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى. تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەڭداش پارتىيەسى سىياسىي رەھبىرى تۇناخان قۇزۇ، «كىمنىڭ گوللاندىيەلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ۋىلدېرس ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىي ھۆكۈم قىلىدۇ. قوش پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش بىر كىشىنىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتىگە نىسبەتەن ھېچنېمىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بىر كىشىنىڭ ساداقىتى ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باھالىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. تۇناخان قۇزۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋىلدېرسنىڭ بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئەمەس، ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى تەكشۈرۈش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ۋىلدېرس، بۇرۇنلاردا ئىسرائىلىيە ئەلچىخانسىىدا ئۆيىدىكىدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزدى. بۇ ئەھۋال قاتتىق دىققەت قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋىلدېرس رەھبەرلىكىدىكى ئەركىنلىك پارتىيەسى، مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا 20 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ سىياسىي پارتىيەسى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر