شىمالىي كورېيە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىدە تاشقى پىلانېتا خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

829436
شىمالىي كورېيە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى كىم ئىن رىيوڭ كەلگۈسىدە دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كىم ئىن رىيوڭ ب د ت تاشقى پىلانېتادىن تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان ھالدا پايدىلىنىش خىزمەتلىرى كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ تاشقى پىلانېتادىن تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان ھالدا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ساھەدە  ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كىم ئىن رىيوڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئەڭ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن دۆلەت تۇرۇپ بىزنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىمىزنى بىلجىرلاپ كەلمەكتە، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان قاراش، شۇنداقلا قوش ئۆلچەمدۇر.»

كىم ئىن رىيوڭ تۈنۈگۈن ب د ت دا سۆز قىلغاندىمۇ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر قاچان يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ئاي نىيۇيوركتا چاقىرىلغان 72-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيە يادرو خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتكە تىگىشلىك جازاسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى راكېتاغا ئوخشايدىكەن، ئۇ ھەم ئۆزىنى ھەمدە دۆلىتىنى ۋەيران قىلىمەن دېگەندەكلا ھەرىكەت قىلىدىكەن، ناۋادا ئامېرىكا ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي كورېيەنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشتىن باشقا تاللاش يولى قالمايدۇ. ئامېرىكا بۇنى قىلالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە، بۇنى ھەر قاچان ۋجۇدقا چىقىرالايدۇ، بىراق بۇنىڭغا ھاجەت قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن.»

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى 2006-يىلدىن بۇيان ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان 6 –قېتىملىق يادرو سېنىقىنى ئېلىپ باردى، بۇ سىناقتىن كېيىن ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى تەييارلاپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشىغا تەقدىم قىلدى ۋە بۇ قارار لايىھەسى ماقۇللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر