تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەققىدە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلماقچى

تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى يىڭلاك شىناۋاترانىڭ دۇبەيدىن ئەنگلىيەگە قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

820116
تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەققىدە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند ساقچى دائىرىلىرى، سابىق باش مىنىستىر يىڭلاك شىناۋاترانى تۇتۇش ئۈچۈن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

يوقىرى دەرىجىلىك ساقچى مەسئۇلى سىرىۋارا راڭسىبراھماناكۇل، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دائىرىلىرى، سابىق باش مىنىستىر يىڭلاكنىڭ دۇبەيدىن ئەنگلىيەگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېدى.

سىرىۋارا راڭسىبراھماناكۇل، بۇنىڭغا قارىتا يەكشەنبە كۈنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن يىڭلاكنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېنىقلاش ۋە تۇتۇش ئۈچۈن قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىڭلاك شىناۋاترا 2014 -  يىلى 22 - مايدا ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە 5 يىل سىياسەتتىن مەنئىي قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى ئاي تايلاندتىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

شىناۋاترا 2011 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىدىكى چاغدا دېھقانلارنىڭ گۇرۇچ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىش پىروگراممىسىنىڭ تەكشۈرۈلىشىنى ئاياق ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆزى قاتناشمىغان سوتتا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ ياردەم پىروگراممىسى دېھقانلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كېيىنچە ۋقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مىلياردلارچە ياۋرو زىيانغا سەۋەب بولغان ئىدى.

پىروگراممىدا سادىر قىلىنغان خىيانەت بايقالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن شىناۋاترا، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر