ئامېرىكا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى پېنتاگونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا ئىشىارەت قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالىدىغان تاللاش يوللىرىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

808831
ئامېرىكا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى پېنتاگونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا ئىشىارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى؛ ئامېرىكىنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالىدىغان تاللاش يوللىرىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى پېنتاگونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

نىككى ھېلېي س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «شىمالىي كورېيە يادرو پىلانىنى بىپەرۋالارچە داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئامېرىكا ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ ۋە شىمالىي كورېيە يوق بولىدۇ. ھەممىمىز بۇنى بىلىمىز، بىراق ھېچبىرىمىز ئۇرۇش چىقىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىكى پۈتكۈل تاللاشلارغا قاراپ چىققانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھېلىي، ھەربىي چارىلەرنىڭمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەزەپ – نەپرىتىگە ئۇچراپ كېتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى تەھدىتىگە قارىماي، پىيوڭياڭنىڭ گۇئام ئارىلىنى توپقا تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقى، ھىدروگېن بومبىسىنى سىناق قىلغانلىقى ۋە قويۇپ بەرگەن ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى كېسىپ ئۆتكەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن ھالدا سورالغان «ترامپ قۇرۇق ھەيۋە قىلدىمۇ؟» دېگەن سوئالغا، ھېلىي «قۇرۇق تەھدىت ئەمەس ئىدى. شىمالىي كورېيە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ھەرىكەت قىلدى، بىز ئاڭلىق ھەرىكەت قىلدۇق ۋە پۈتكۈل دىپلوماتىك يوللارنى سىناپ كۆردۇق. خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلالايدىغان ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىشلارنى قىلىپ بولدۇق. شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن گېنېرال ماتتىسقا قويۇپ بېرىشىم مۇمكىن، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي تاللىشى بار. بىز مەسئۇلىيەتچان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىك يوللارنى سىناپ باقماقچى بولدۇق، ئەگەر بۇلار كارغا كەلمىسە، گېنېرال ماتتىس ھەل قىلىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر