ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتا 36 ئادەم ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەرىقەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان شۇنداقلا ئارتىس، ناخشىچى ۋە رېژىسسور گۇرمېت رام راھىم سىنگ باسقۇنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

797518
ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتا 36 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەرىقەت رەھبىرى راھىمنىڭ مىڭلارچە ئەگەشكۈچىسى مەھكىمە قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن شەھەردىكى رەسمىي بىنالارغا ئوت قويۇپ بەردى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلدى، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ئاپتوموبىللىرىغا زىيان يەتكۈزدى. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 36 غا يەتتى، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، 500 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

پانچكۇلا شەھىرىدە باشلانغان ۋەقەلەر، پەنجاپ ئۆلكىسى ۋە يېڭى دېھلىغىمۇ كېڭەيدى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى، يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلاردا كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى.

ھىندىستان سوت مەھكىمىسى، مەزكۇر تەرىقەت رەھبىرىگە بېرىلىدىغان جازانى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەقەلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر