رۇسىيەنىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆيىدە ئۆلۈك ھالەتتە بايقالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رۇسىيەنىڭ سوداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىرگاياس شىرىنىسكىينىڭ سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدىكى رەسمىي تۇرالغۇسىدا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

795920
رۇسىيەنىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆيىدە ئۆلۈك ھالەتتە بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۆلۈم سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان 62 ياشلىق رۇس دىپلوماتنىڭ 2013 – يىلىدىن بۇيان سۇداندا باش ئەلچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مىسىر، يەمەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇۋاندادا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

سۇدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ۋەقەنى جەزملەشتۈردى؛ مىنىستىرلىق باياناتچىسى غەرىبۇللاھ ئەلھەدەر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «رۇسىيە باش ئەلچىسى مىېرگاياس شىرىنىسكىي خارتۇمدىكى تۇرالغۇسىدا ۋاپات بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۇداننىڭ رۇسىيە خەلقىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە باش ئەلچى شىرىنىسكىينىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھەدەر، شىرىنىسكىينىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر