نېتېنياھۇ «گۇماندانلىق» دەپ قارالدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرى تۈپەيلى «گۇمانلىق» دەپ قارالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

783940
نېتېنياھۇ «گۇماندانلىق» دەپ قارالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە دوكلات سۇنۇش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە نېتېنياھۇنىڭ «پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلى گۇمانلىق» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ھەمدە تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقانغا قەدەر نېتېنياھۇ توغرۇلۇق خەۋەر چەكلىمىسى قويۇشنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى ساقچى تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نېتېنياھۇ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەر توغرۇلۇق 17 – سېنتەبىرگىچە خەۋەر تارقاتماسلىق چەكلىمىسى قويغان. تاراتقۇلارنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، سابىق مەسلىھەتچىلەردىن ئارى ھاروۋنىڭ «نېتېنياھۇغا قارشى گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى. نېتېنياھۇنىڭ رەپىقىسى سارامۇ ئالدىنقى كۈنى چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ،  ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر