خىتاي نوپۇسىدا ياشانغانلار ۋە يىتىم-يىسىرلارنىڭ سانى ئاشماقتا

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتايدا 60 ياشتىن يۇقىرى بولغان نوپۇس سانى 2016-يىلدىن باشلاپ 230 مىليون 800 مىڭگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

783906
خىتاي نوپۇسىدا ياشانغانلار ۋە يىتىم-يىسىرلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىچىدە 230 مىليون 800 مىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى نوپۇس بارلىقىنى، بۇ رەقەمنىڭ 150 مىليون 30 مىڭلىق قىسمىنىڭ 65 ياشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، دۆلەت ئىچىدىكى 140 مىڭ ساناتورىيەدە ياشاۋاتقان 1000 نەپەر ياشانغان كىشىگە 32 كارۋات چۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، 2016-يىلىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 460 مىڭ يېتىم-يىسىرنىڭ بارلىقى، بۇلاردىن پەقەت 88 مىڭىنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەسئۇل دائىرىلەر، ئۆتكەن يىلى (2016) دۆلەتتىكى 19 مىڭ يېتىم-يىسىرنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئائىلىلەر تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر