پاكىستاندا باسقۇنچىغا باسقۇنچىلىق قىلىش جازاسى بېرىلدى...

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى بىر يېزا مەجلىسى، يېزا تەۋەلىكىدە مەيدانغا كەلگەن بىر باسقۇنچىلىق دېلوسىغا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم چىقاردى.

778928
پاكىستاندا باسقۇنچىغا باسقۇنچىلىق قىلىش جازاسى بېرىلدى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى بىر يېزا مەجلىسى، يېزا تەۋەلىكىدە مەيدانغا كەلگەن بىر باسقۇنچىلىق دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، «باسقۇنچىلىقنى باسقۇنچىلىق بىلەن» جازالاشقا ھۆكۈم قىلدى.

ساقچىلار، مەزكۇر قارارنى چىقارغان مەجلىسنىڭ 20 ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلدى.

پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ مولتان رايونىدىكى بىر يېزىنىڭ مەجلىسى يىغىن چاقىرىپ، 12 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇنغان كىشىنى جاۋابكارنىڭ 16 ياشلىق قىز بىر تۇغقىنىغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى.

ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مولتان ساقچىلىرى بۇ قارارنى چىقارغان يېزا مەجلىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 20 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

مولتان رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «يېزا مەجلىسىگە مەلۇم قىلىنغان بۇ ۋەقەدە، مەجلىس بىردەك قارار ماقۇللاپ، جاۋابكارنىڭ قىز قېرىندىشىغا باسقۇنچىلىق قىلىنىشىغا ھۆكۈم چىقىرىپتۇ. يېزا مەجلىسى، قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېتىرازلىرىغا <ئادالەتنىڭ جاۋابكارنىڭ قىز قېرىندىشىغا باسقۇنچىلىق قىلىنغاندىلا تەجەللى قىلىدىغانلىقى> نى بىلدۈرۈپ رەت قىلىپتۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر