ئامېرىكىدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن بىر قاراتەنلىككە 15 مىليون دوللار تۆلىنىدىغان بولدى

ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىمۇ 2 ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئايالنىڭ ئائىلىسىگە 7 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەنگەن ئىدى.

771237
ئامېرىكىدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن بىر قاراتەنلىككە 15 مىليون دوللار تۆلىنىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتوندا ئوغلىنىڭ كۆز ئالدىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن قورالسىز قارا تەنلىك پۇقرانىڭ ئائىلىسىگە تەخمىنەن 15 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدىغان بولدى.

فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى 2013 - يىلى ساقچىلار بىلەن تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان پەيتتە ساقچى مەرگىنى بىرايىن ماركېرت تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن قاراتەنلىك ئامېرىكا پۇقراسى لېنارد توماسنىڭ ئائىلىسىگە 15 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەش قارارى چىقاردى.

7 كىشىدىن تەركىپ تاپقان سوت باھالىغۇچى ھەيئىتى ساقچىلارنىڭ توماسنىڭ 4 ياشلىق ئوغلىنى قالقان قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ياكى سودىلىشىش بويۇمى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىمۇ 2 ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئايالنىڭ ئائىلىسىگە 7 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەش قارارى چىقارغان ئىدى.

مادىسون شەھىرىدە 3 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەدە ئاشلېي دىپىياززا ئىسىملىك ئايال سۆيگىنى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ۋە سۆيگىنىنى تاپانچا بىلەن قورقۇتۇپ، مەجبۇر ئۆزى بىلەن بىرگە ئۆيگە سولىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرگەن ساقچىلاردىن 2 مەمۇر ئۇ ئايالنى ئۆيدە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر