لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى خوڭكوڭغا كەلدى

لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان خوڭكوڭنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە زىيارەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ.

766588
لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى خوڭكوڭغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى ھېسابلىنىدىغان «لياۋنىڭ»، خوڭكوڭنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 20-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، خوڭكوڭ پورتىغا يېتىپ كەلدى.

ليانىڭ ئاۋىياماتكىسى ئەتە (8-ئىيۇل) خەلقنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى زىيارىتىنى خوڭكوڭدىن باشلىغان لياۋىڭ ئاۋىياماتكىسىغا، «جىنەن» ۋە «يىنچۈەن» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتلار، «يىنتەي» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوت، «J-15» ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچارلاردىن تەركىپ تاپقان بىر فىلوت ھەمراھ بولدى.

لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى چىڭداۋدىن يولغا چىققان بولۇپ، بۈگۈن (7-ئىيۇل) ئەتىگەندە خوڭكوڭ پورتىغا يېتىپ كەلدى. ئاۋىياماتكىنى زىيارەت قىلىش 11-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. «لياۋنىڭ» نى زىيارەت قىلماقچى بولغان مىڭلارچە خوڭكوڭلۇقلار، 2 مىڭ بېلەتتىن بىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ھەربىي پورت ئالدىدا لاگېر قۇرۇپ رەتكە تىزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر