قاتار ئېمبارگونىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا تەييارلانماقتا

قاتار سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين يولغا قويغان مۇھاسىرىنىڭ قۇربانلىرىغا تۆلەم تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا.

750188
قاتار ئېمبارگونىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى ئەلى بىن دامىر ئەلمەررى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ ھاۋا تەۋەلىكلىرىنى قاتارغا تاقىۋېتىشى ۋە يولغا قويۇلغان مۇھاسىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قاتار ۋە پارس قولتۇقى كېڭىشىگە ئەزا ئەللەرنىڭ پۇقرالىرىغا تۆلەم تۆلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇن بىيۇروسى بىلەن كېلىشىم تۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەلمەررى، خەلقئارا قانۇن بىيۇروسىنىڭ ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋاسىتىسى بىلەن مەۋجۇت زىيانلارنى تۆلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردىكى سوت مەھكىمىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە، خەلقئارالىق كېلىشىملەردە كۆرسىتىلگەن «زىياننىڭ تۆلىنىشى» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلقئارا مەھكىمىلەرگە ئەرز سۇنۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر قارارلارغا «كوللېكتىپ ھالدا جازالاش ۋە خەلقئارالىق جىنايەت» دەپ باھا بەرگەن ئەلمەررى، كومىتېتنىڭ پارس قولتۇقىدىكى كىرىزىستىن كېيىن 700 شىكايەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ۋە ئېچىنىشلىق ئائىلە مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا، بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، قاتار مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، مۇھاسىرە تۈپەيلى قاتار ۋە بۇ ئۈچ دۆلەت پۇقرالىرى دۇچار بولغان ناھەقچىلىكلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر