ترامپ FBI  نىڭ سابىق باشلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنى تۈرلۈك جىنايەتلەر  بىلەن ئەيىبلىگەن فېدېرال تەكشۈرۈش بىيۇروسى FBI  نىڭ سابىق باشلىقى كومېينىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

749520
ترامپ FBI  نىڭ سابىق باشلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپنىڭ ئادۋۇكاتى مارك كاسكوۋىتز كومېي پالاتا ئاخبارات كومىتېتىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى توغرۇلۇق دوكلات سۇنغاندىن كېيىن، 10 – ماي كۈنى ئۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش شۈبھىسى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

كومېي ئۇدا 2 يېرىم سائەت داۋاملاشقان دوكلاتىدا، يانۋاردىن بېرى ترامپ ئېلىپ بارغان ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ ماڭغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، كولوبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، بىر يېقىن دوستىنىڭ ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

كاسكوۋىتز بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كومېينىڭ بۇ ئېتىراپىنىڭ، ئۇنىڭ ترامپقا ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان شەخسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ باشقا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قىلمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق قارار چىقىرىش مەسىلىسىنى دائىرىلەرگە قالدۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر