باش مىنىستىر يىلدىرىم مولدوۋادا

باش مىنىستىر يىلدىرىم مولدوۋانىڭ پايتەختى كىشنېۋغا يۈرۈپ كەتتى

726536
باش مىنىستىر يىلدىرىم مولدوۋادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن كۆپ ساندىكى مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققان باش مىنىستىر يىلدىرىم مولدوۋا باش مىنىستىرى پاۋېل فىلىپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە ئىككى كۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

يىلدىرىم زىيارىتى جەريانىدا مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون، باش مىنىستىرى پاۋېل فىلىپ، پارلامېنت باشلىقى ئاندرىئان جاندۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە مولدوۋالىق كەسپدىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەلىك ۋە مولدوۋالىق كارخانىچىلار بىر يەرگە جەم بولىدىغان تۈركىيە – مولدوۋا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

مولدوۋا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكى شەكىللەندۈرىدىغان كۆك ئوغۇزلار ياشاۋاتقان كۆك ئوغۇز ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدىغان يىلدىرىم، 4 – نۆۋەتلىك كۆك ئوغۇز قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر