كولۇمبىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئېغىر زىيان كېلىپ چىقتى

كولۇمبىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان پۇتۇمايو رايونىدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانلار كېلىپ چىقتى.

704218
كولۇمبىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئېغىر زىيان كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيەدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 250گە يەتتى.

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى جۇەن مانۇئېل سانتوس غەربىي جەنۇبقا جايلاشقان پۇتۇمايو رايونىدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ  سانىنىڭ 254كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سانتوس ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، شىددەتلىك ھۆل يېغىنلار سەۋەب بولغان كەلكۈن سەۋەبىدىن موكاۋ شەھىرىدىكى بەزى مەھەللەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە 44 بالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان سانتوس، مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ساقچىدىن تەشكىل تاپقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەيران بولغان بىنالار ئاستىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققۇچە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن سانتوس موكاۋ شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

كەلكۈن سەۋەبىدىن يوللارنىڭ قاتناشقا توسۇلۇپ قېلىشى تۈپەيلى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رايونغا توك بېرىلمەيۋاتقانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

رايوندا مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەبىدىن موكاۋ، مۇلاتو ۋە سانكوياكو دەريالىرى تېشىپ كېتىپ كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كەلدى، موكاۋ شەھىرىدە بولسا بەزى مەھەللىلەر پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتتى.

ئېكۋادور ۋە پېرۇ چېگراسىغا جايلاشقان پۇتۇمايو رايونىنىڭ پايتەختى موكاۋدا 45 مىڭ كىشى ياشايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر