گانانىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتى 110 مىنىستىردىن تەشكىل تاپىدۇ

گانا پىرېزىدېنتى يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتىدا 110 مىنىستىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

694720
گانانىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتى 110 مىنىستىردىن تەشكىل تاپىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا پىرېزىدېنتى نانا ئاكۇفو-ئاددو يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتىدا 110 مىنىستىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

24 مىليون نوپۇسى بولغان گانادا ھۆكۈمەت كابىنتىغا بۇنچىۋېلا كۆپ مىنىستىر تەيىنلىنىشىنى ياقلىغان ئاكۇفو-ئاددو مۇنداق دېدى:«بۇ گانانىڭ كېلەچىكى ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سەريامىدۇر.»

پىرېزىدېنت ھۆكۈمەت كابىنتىدا نۇرغۇن تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە رايونلۇق مىنىستىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، خەلقنىڭ 110 مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمەت كابىنتىنىڭ چىقىملىرى مەسىلىسىدە ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر