ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 30 – مارت كۈنى تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

693319
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىدىن تۈركىيەگە يېقىندا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىلىپ-بېرىلمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تىلىرسىننىڭ 30 – مارت كۈنى تۈركىيەگە كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆزىنىڭمۇ كەسپدىشىغا ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «مېھمان قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئامېرىكىلىق مىنىستىرغا ئېيتتىم، بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرىغىمۇ، باش مىنىستىرىمىزغىمۇ مەلۇمات بەردۇق، ۋاقتى يار بەرسە جۇمھۇر رەئىسىمىز تىلىرسىننى قوبۇل قىلىدۇ، كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىش يۈز بەرمىسە تىلىرسىن 30 – مارت كۈنى تۈركىيەگە كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇمدىن كېيىن، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرمىسە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر