باغدادى يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ «ۋىدا سۆھبىتى» ناملىق بىر نۇتىقىنى ئېلان قىلىپ، يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

682381
باغدادى يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ ئىراقتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى قېچىشقا ياكى مۈكىنىشكە بۇيرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەل سۇمارىيا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نىنوۋا ۋىلايىتىدىكى مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ئەبۇ باغدادىنىڭ «ۋىدا سۆھبىتى» ناملىق بىر نۇتىقىنى ئېلان قىلىپ، يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باغدىدىنىڭ ئىراقتىكى ئاتالمىش ئىشخانىلىرىنى تاقاشقا بۇيرىغانلىقى، ئەرەب تېررورچىلارنى مۈكىنىشكە، غەرىبلىك تېررورچىلارنى بولسا، يا دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشكە ۋەياكى ئۆز - ئۆزىنى پارتىلىتىشقا بۇيرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 بۇ ئارىلىقتا ئىراقتىن نۇرغۇنلىغان دائېش تېررورچىلىرىنىڭ سۈرىيەگە قاچقانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر كەلمەكتە.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر