ئاۋستىرىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرى ئاۋۇپ كەتتى

ئاۋستىرىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاۋۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

681412
ئاۋستىرىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرى ئاۋۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېقىنقى 5 يىلدا 500دىن ئارتۇق باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ئاۋسترىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئاخىرقى باسقۇنچىلىق» (EROC) ناملىق گۇرۇپپا بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ چىقىپ، ئاۋسترىيە ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىگە ئەۋەتتى.

ئاۋسترىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، گۇماندارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىسى شارنا بىرېمنېر دۈشەنبە كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 6 نەپەر باسقۇنچىنىڭ ئىش ئورنىدىن قوغلانغانلىقىنى ئېيتتى.

شارنا بىرېمنېر دۇنيا قارىشى، تىل، بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى سەۋەبلىك، قۇربانلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى تولۇق ئىزاھلاپ بېرىشتە قىيىنىۋاتقانلىقلىرىنى، شۇنداقلا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھامىلە بولۇپ قالغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

شارنا بىرېمنېر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ دوكلاتنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا مەكتەپ قورۇلىرىدا مەسىلە بارلىقىنى قوبۇل قىلىشى لازىملىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە ۋە ۋەقەلەرنىڭ بۇرۇنراق ئېنىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر