ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس: لوندوندا ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلدىم

ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس لىندساي لوھان ياغلىق چەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ھېيتروۋ ئايرودۇرۇمىدا ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

677758
ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس: لوندوندا ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلدىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ITV قانىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەتىگەنلىك پىروگراممىدا سۆز قىلغان لوھان، ئايرودۇرۇمدا نىيۇيورك ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا بىر خادىمنىڭ ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن لىندساي لوھان، «ئايال خادىم ياغلىقىمنى ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى، ئالدىم. ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر مەسىلە ئەمەس ئىدى، بىراق ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشتىن بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان باشقا بىر ئايالنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا نېمىلەرنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، قورقتۇم. بىردىنلا ئەندىكىپ كەتتىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

داڭلىق ئارتىس، ئۆزىنى توسقان خادىمنىڭ پاسپورتتىكى «لىندساي لوھان» دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ، ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. لوھان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغان ياكى بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «مەن تېخى تاماملاپ بولالمىغان بىر ئىش توغرىسىدا توختىلىشنى خالىمايمەن، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. بىراق بۇ، دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان بىر تېما» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىسلامغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلغان لىنساي لوھان، «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ھالدا، «يالغۇز قۇرئاننىلا ئەمەس، باشقا دىنىي تېكىستلەرنى ئوقۇغان چېغىمدىمۇ تەسەللىي تاپىمەن» دېدى.

لوھان ئۆتكەن ئاي پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى. داڭلىق ئارتىس زىيارەت جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا «دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىزناك تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر