ئامېرىكىلىق قوماندان: دائېش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك جون دوررىئان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

668786
ئامېرىكىلىق قوماندان: دائېش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جون دوررىئان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون يىغىنىدا، ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋە تۈركىيە ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلەر ئەلبابدا ئادەتتىن تاشقىرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيە ۋە تۈركىيە قوللاۋاتقان كۈچلەىرنىڭ شەھەرگە كىرىشى، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبتىن قىستاپ كېلىشى نەتىجىسىدە دۈشمەن ئەلبابتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. تۈركىيە دۈشمەننى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن تازىلاش جەھەتتە مىسلىسىز غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۈملىدىن تېررورىستلارنىڭ سۈرىيەگە ئۆتۈشى ۋە تۈركىيە چېگراسىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىشىغا تامامەن تاقابىل تۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر