ئامېرىكا، ئەبۇ ھانى ئەلمىسرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر بىنانى بومباردىمان قىلىپ، 11 تېررورچىنى ئۆلتۈردى.

668656
ئامېرىكا، ئەبۇ ھانى ئەلمىسرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون باياناتچىسى جېف دېيۋىس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 3- ۋە 4 – فېۋرال كۈنلىرى ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يىغىلىش مەركىزى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر بىناغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، ھۇجۇمدا تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئەبۇ ھانى ئەلمىسرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەلمىسرىنىڭ ئەيمەن ئەززەۋاھىرى ۋە ئۇسامە بىن لادىنغا ئوخشاش ئەلقائىدە كاتتىباشلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

دېيۋىس باياناتىدا يەنە، «ئەلمىسرى، مىڭلارچە تېررورچىنى يېتىشتۈرۈپ، تەربىيەلەپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يوللىغان ئافغانىستاندا، 1980 ۋە 1990 – يىللاردا كۆپ ساندا ئەلقائىدە لاگېرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىدا رول ئوينىدى. ئۇ يەنە، تۇنجى ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنى ئىشقا سالغان <مىسىر ئىسلامىي جىھاد> تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر