مىلياردېر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مىلياردېر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ  3.6 مىليارد دوللار ئەتراپىدا پۇلى، ئۈچ ئايالدىن بەش بالىسى بار.

656510
مىلياردېر پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېگى گېرمانىيەلىك كارخانىچى فرېدېرىك ترامپنىڭ نەۋرىسى بولغان دونالد ترامپ، 1946 – يىلى 14 – ئىيۇن كۈنى نىيۇ يوركتا فرېدېرىك ۋە مارى ماكلود ترامپنىڭ 5 پەرزەنتىنىڭ تۆتىنچىسى سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۆي – مۈلۈك سودىگىرى بولغان دادىسىنىڭمۇ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆي – مۈلۈك دۇنياسىغا قەدەم قويغان ترامپ، 1968 – يىلى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. دادىسىنىڭ شىركىتىگە 1971 – يىلى خوجايىن بولغان ترامپ شىركەتنى «ترامپ گۇرۇھى» دەپ ئاتىغان. شىركەتنىڭ مەركىزىنى مانھاتىن رايونىغا يۆتكىگەن ترامپ، مېھمانساراي قۇرۇلۇشلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داڭ چىقىرىشقا باشلىغان. 2014 – يىلى ئامېرىكىنىڭ NBC  تېلېۋىزىيە قانىلىدا «شاگىرت» ناملىق پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن نامى دۇنياغا پورت كەتكەن. «‹ Forbes› ژۇرنىلى» نىڭ 2016 – يىللىق «دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 400 شەخس»  تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ترامپنىڭ 3.6 مىليارد دوللار ئەتراپىدا پۇلى بارلىقى تەخمىنەن قىلىنماقتا.

سايلام رىقابىتى جەريانىدا باشتىن – ئاخىر كونا باج مەسىلىلىرى تالاش - تارتىش تېمىسى بولغان ترامپنىڭ يېقىنقى 18 يىلدىن بۇيان باج تۆلىمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ترامپنىڭ ھازىرقى ئايالى سىلوۋېنىيەلىك 46 ياشلىق كىيىم - كېچەك لايىھەلىگۈچىسى مېلانىئا ترامپ بولۇپ، ھازىرغىچە ئالغان ئۈچ ئايالىدىن 3 ى ئوغۇل، 2 سى قىز بولۇپ،  جەمئىي 5 بالىسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر