زىمبابۋېدا خىتايغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

زىمبابۋې دۆلەتلىك باغچىلار، ھايۋانلار ۋە تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسى 23 – دېكابىر كۈنى خىتايغا 35 پىلنى مەخپىي سېتىپ بەرگەن ئىدى.

646086
زىمبابۋېدا خىتايغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىمبابۋې ھۆكۈمىتى تەبىئەتنى قوغداش فوندى ئۈچۈن  خىتايغا 35 پىل سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

زىمبابۋېدىكى  ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئيىەتلىرى خىتاينىڭ پىل سېتىۋالغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

زىمبابۋې دۆلەتلىك باغچىلار، ھايۋانلار ۋە تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسى 23 – دېكابىر كۈنى خىتايغا 35 پىل سېتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق، 35 پىلنىڭ باھاسىنى ئېيتمىدى. 

پىللارنىڭ بويىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلمىدى. سېتىلغان پىللارنىڭ خىتايدىكى 3 باغچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىمبابۋېدىكى ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئيىەتلىرى پىللارنىڭ خىتايغا سېتىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

زىمبابۋې ھايۋاناتلارنى قوغداش كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن جۇن رودگۇس بۇ سودىنىڭ مەخپىي قىلىنغانلىقىنى ۋە ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز شۇنى بىلىمىزكى، پىلنىڭ بالىلىرىنى ئانىلىرىدىن ئايرىپ، قورقۇنچلۇق بىر مۇھىتتا خىتايغا مەخپىي سېتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كەلگەن كىرىمنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، زىمبابى ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە دوللارلىق پىل چىشى زاپىسىنىمۇ سېتىپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر