ۋىلدېرس مېركېلنى قاتتىق ئەيىبلىدى

گوللاندىيەنىڭ ئىرقچى سۆزلىرى بىلەن تونۇلغان ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى گىېرت ۋىلدېرسنىڭ تۋىتتېر ئۇچۇرى غۇلغۇلا قوزغىدى.

635133
ۋىلدېرس مېركېلنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلدېرس تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ يۈز – كۆزى قان ئىچىدىكى بىر پارچە فوتو سۈرىتىنى ئورتاقلىشىپ، بېرلىندىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھۇجۇمىغا مېركېلنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مېركېل كۆچمەنلىك سىياسىتىگە بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قولىنىڭ قانغا مىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋىلدېرس، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مېركېلنىڭ جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مېركېلنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلەپ، «بىزدىن نەپرەتلىنىدۇ، بىزنى ئۆلتۈرىدۇ، بىزنى قوغدايدىغان ھېچكىم يوق. رەھبەرلىرىمىز بىزگە خىيانەت قىلماقتا» دېگەن ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر