يېڭى زىلاندىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەردى

8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن يېڭى زىلاندىيە باش مىنىستىرى كون كىي ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

623451
يېڭى زىلاندىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زىلاندىيەدە 8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن باش مىنىستىر كون كىي ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

«مەن بېرەلەيدىغان ھەر نەرسىنى بەردىم»دېگەن يېڭى زىلاندىيە باش مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.  

باش مىنىستىر كون كىي ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بېرىشىگە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قارارىنى تولىمۇ قىيىن بەرگەنلىكىنى ئېيتقان كىي مۇنداق دېدى: «ۋەزىپەمدىن ئېستىپا بېرىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.»

كىينىڭ پارتىيەسى 12-دېكابىردا جىددىي قۇرۇلتاي چاقىرىپ، يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن باش مىنىستىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.

باش مىنىستىر جون كىي سايلامدا مۇئاۋىنى ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى بىل ئىنگىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر