«ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ھېچقاچان سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتمىدى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ھېچقاچان سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقىنى ئېيتتى.

608604
«ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ھېچقاچان سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا بەرگەن باياناتىنىڭ داۋامىدا،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمىشە نازلىنىپ، تۈركىيەنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى،  تۈركىيەگە ھېچقاچان سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقىنى، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە 3 مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىش ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە – ئەرەب دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن 911، ئىراق بىلەن 350 كىلومېتىرلىق لىنىيەدە چېگرىداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان دائېش مەسىلىسىگە قارىتا ناھايتى سەۋرىچۋان پوزىتسىيە تۇتقانلىقلىرىنى، ئەمما تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا غازىئانتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا 56 تۈركىيە پۇقراسى شېھىت بولغاندىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە جەرابلۇسقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بولۇپمۇ كەركۈكتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەركۈككە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، كەركۈكتىكى كىرىزىسنىڭ تەلئەفەر رايونىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

تۈركىيە بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادىنىڭ ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ مۇسۇل، كەركۈك ۋە تەلئەفەردىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلا يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇي يەنە، تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، پارچىلىنىپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭمۇ تۇزاققا چۈشمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر