كاراكاستا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت نىكولاس ماردۇرو ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلاردا بىر ساقچى ئۆلدى.

598308
كاراكاستا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئون مىڭلارچە ئادەم ئىشتىراك قىلغان نامايىشلار جەريانىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەردى؛ مىراندا ئۆلكىسىدىكى سۈركىلىشتە بىر ساقچى ئۆلدى، ئىككى ساقچى يارىلاندى.

بىر مەھەللىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، دۆلەت مىقياسىدا كەم دېگەندىمۇ 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 80 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى بولسا، ئەتە (جۈمە كۈنى) دۆلەت مىقياسىدا ئىش تاشلاشقا چاقىردى. ئۆكتىچىلەر، 3 – نويابىردا پىرېزىدېنتلىق سارىيىغىچە يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر