تاشقى پىلانېتادا راستىنلا ئىنسانلار بارمۇ؟

2.5 مىليون يۇلتۇزنى كۆزىتىۋاتقان ئالىملار، بىلىم دۇنياسىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلماقتا.

594414
تاشقى پىلانېتادا راستىنلا ئىنسانلار بارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەلىك مىلياردېر يۇرى مىلنېر ۋە فەيىسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زۇكېربېرگ ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان ئەنگلىيەلىك فىزىكا پىروفېسسورى ستېفېن خاۋكىڭ «تاشقى پىلانېتالاردىكى مەدەنىيەتلەرنى كەشىپ قىلىش» ئۈچۈن باشلىغان لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2.5 مىليون يۇلتۇزنىڭ 234 ىدىن نورمال بولمىغان سىگناللار بايقالغان بولۇپ، بۇ سىگناللارنىڭ ئالەمدىكى تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتلەردىن كەلگەن بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

خاۋكىڭ ماتېماتىكىلىق جەھەتتىن يەر شارىنىڭ سىرتىدا جانلىقلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىشنىڭ، ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە، يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى جانلىقلارنىڭ يەر شارىنى تېپىۋالغاندا، ئاقىۋىتىنى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ: «بىرىنچى بولۇپ تاپقان بىز بولۇشىمىز لازىم» دەيدۇ.

ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدىمۇ يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى جانلىقلارنىڭ، يەنى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى پىلانېتالىقلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرىنى كەلتۈرۈپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇ تاشقى پىلانېتالىقلارنىڭ كۆچمەنلىك مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان پىلانېتادىكى بايلىقلارنى تۈگىتىپ، ياشاشقا ئۇيغۇن باشقا پىلانېتا ئىزدەۋاتقان بولۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر