خىتاينىڭ 1 پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى 400 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە توسالغۇ بولدى

خىتاينىڭ 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىكە مەجبۇر بولۇشىدا، خىتاي نوپۇسنىڭ جىنسىيەت تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى قاتارلىق 2 نۇقتىلىق سەۋەب بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

577891
خىتاينىڭ 1 پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى 400 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە توسالغۇ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياش بىر جۇپلارنى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، ياشانغانلاردىن مەسلىھەت سورىدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1970 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى 2 پەرنتلىك بولۇشقا ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ قارارنىڭ 1- دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدى. 

خىتاينىڭ 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىكە مەجبۇر بولۇشىدا 2 نۇقتىلىق سەۋەب بارلىقى، بىرسى خىتاي نوپۇسنىڭ جىنسىيەت تەڭپۇڭسىزلىقىغا مۇبتىلا بولغانلىقى ۋە يەنە بىرى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ياشىنىپ كېتىشى سەەۋبىدىنمۇ مۇتەخەسسىلەر بۇ قارارنىڭ ئىنتايىن كېچىككەن قارار بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە خىتايدا ئالدىنقى مەزگىللەرگە سېلشتۇرغاندا بوۋاق تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليون ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. بۇ ئارقىلىق 2050 – يىلىغىچە خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى سانىنى 30 مىلون ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، توي قىلىش ئۈچۈن قىز تاپالمايدىغان خىتاي ياشلىرى سانىنىڭ 2020 – يىلىغىچە 40 مىليون ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

خىتايدا 2 – پەرزەنتلىك بولغانلارغا ئېغىر جازالار بېرىلىدىغان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى تۈپەيلى جەمئىي 400 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر