ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولاينا ئىشتاتىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

575855
ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار داۋاملاشماقتا
abd'de, siyahilere polis şiddeti.jpg
abd, siyahilere polis şiddeti sürüyor.jpg
abd siyahilerin protestosu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ھەپتە ئىچىدە 2 قارا تەنلىك ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلارنىڭ نامايىش ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندىمۇ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا.

قارا تەنلىك كېيت لېمىنت سىكات ئۆلتۈرۈلگەن شارلىت شەھىرىدە نامايىشلار توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.

ساقچىلار مۇداخىلە قىلغان ۋەقەلەردە بەزى نامايىشچىلار يارىلاندى.

نامايىشلار ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان رايونغا ئالاھىدە قىسىملار ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، كوچىغا چىقىش مەنئىي قىلىندى.

يېرىم كېچىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 6 دە ئاخىرلىشىدۇ.

شەھەردە ئىلگىرىمۇ نامايىشلار زورىيىپ كەتكەندىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارا تەنلىك بولۇشى، «ساقچىلار تېگى ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلارغا زوراۋانلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەندەك تالاش – تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر