ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، غازىئانتەپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بەزى شەھەرلەردىكى ساقچى مەركەزلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

557316
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش باياناتىدا، غازىئانتەپتىكى بىر تويدا ‹پەسكەش ۋە قورقۇنچاقلارچە› سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا ساقچى ۋە پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ،  PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى.

ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرى بىلەن تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تېررورىزمنىڭ پۈتكۈل تۈرلىرىنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەڭ كۈچلۈك خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر