تۈرمىلەردىكى پەلەستىنلىكلەر ئاچلىق ئېلان قىلىدۇ
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار ئاچلىق ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ.
545072
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىك ئەسىرلەر جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا، «ھاماسقا مەنسۇپ پەلەستىنلىك 285 تۇتقۇن ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى بېسىم ۋە ناچار مۇئامىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئاچلىق ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تۈرمىلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنى ئاختۇرۇش، باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ» دېيىلدى.