باغدادتىكى قانلىق پارتلاشتىن كېيىن ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد سالىم ئەلغەببان، پايتەخت باغدادتىكى پارتلاشتىن كېيىن باش مىنىستىر ھەيدەر ئەلئىبادىغا ئىستىپا ئىلتىماسىنى تەقدىم قىلدى.

524607
باغدادتىكى قانلىق پارتلاشتىن كېيىن ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد سالىم ئەلغەببان بايانات بېرىپ، ئىراقتا خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغان تەقدىردە ھۆكۈمەت سېپىگە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىليونلارچە دوللارغا سېتىۋېلىنغان ئونلارچە بومبا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ساختا مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان، قەررادا ھۇجۇمىدىن كېيىن دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن 7 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى، پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 250 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارنى نىشانغا ئالغان بۇ قېتىمقى بومبىلىق ھۇجۇمى، ئامېرىكا ئىراقنى ئىشغال قىلغان 2003 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر