ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قىلمىشى ياپونلارنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشۇردى

بۈگۈن (يەكشەنبە) ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق نارازىلىق نامايىشىغا سەھنە بولدى.

513936
ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قىلمىشى ياپونلارنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكىناۋا ئارىلىدابىر ئامېرىكىلىق ئەسكەرنىڭ 20 ياشلىق رىنا شىمبوكوروغا باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن ئون مىڭلارچە كىشى توپلىنىپ، ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئوكىناۋادىكى ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئارالدىكى ئاھالىسى تېخىمۇ شالاڭ بىر يەرگە يۆتكىۋېتىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئوكىناۋا ۋەقەسىنىڭ ياپونىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بىر چېكىنىشكە سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار، ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي نامايىشقا 65 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ قاتناشلىقىنى بىلدۈردى. بىر قىسىم نامايىشچىلار، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياپونىيەدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر قىسىملىرى، بازىلارنى تاقىۋىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما، سانىنى قىسقارتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى ئۈچ ئامېرىكىلىق ئەسكەرنىڭ 12 ياشلىق بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە 1996 – يىلى فوتىنىما بازىسىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر