ھىندىستان 10 خىتاينىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى

ھىندىستان ئورىسسا ئىشتاتىدىكى بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان 10 خىتاينىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى.

512020
ھىندىستان 10 خىتاينىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹باغداش› تورى» نىڭ «‹ھىندى مۇرتىلىرى› گېزىتى» گە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىزا مەسىلىسى سەۋەبىدىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىمدىكى ئورىسسا ئىشتاتلىق يەرلىك ھۆكۈمەتتىن مەزكۇر ئىشتاتنىڭ بادىلاك ناھىيەسىدىكى تايلاند شىركىتىدە ياللانماد ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقان 10 خىتاينىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار مەزكۇر ئىشتاتتىكى ھىندىستان ئادانى گۇرۇھى شىركىتىدە دامۇرا پورتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە تۇپراق ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا مەسئۇل ئىكەن، گەرچە ئۇلارنىڭ قولىدا سودا ۋىزىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تايلاند شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ 17- ئىيۇندىن ئىلگىرى چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر