ئىسپانىيە پارلامېنتى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىنى رەت قىلدى

ئىسپانىيەدىكى 17 ئاپتونۇم رايوننىڭ پارلامېنتى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى رەت قىلدى.

507606
ئىسپانىيە پارلامېنتى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالىسىيە پارلامېنتىدىكى قوشما گۇرۇپپا تەرىپىدىن 25  - ئاپرېل كۈنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما تۈنۈگۈن ئاۋازغا قويۇلغان ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە 32 گە قارشى 38 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى. قارارنامىنى ئىسپانىيە ۋە گالىسىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان ئوڭ قانات مۇھپىزىكار خەلق پارتىيەسى رەت قىلىپ، ئاشقۇن سولچىل گالىسىيە مىللەتچىلىرى ۋە سوتسىيالىست ئىشچى پارتىيەسى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

تۈركىيەنىڭ مادرىد باش ئەلچىسى ئۆمەر ئۆنھون بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «گالىسىيە پارلامېنتى ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئەرمەنلەرنىڭ مىش – مىش سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ھەققانىي ھۆكۈم چىقاردى.»

2015 – يىلى مايدا ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرى توغرۇلۇق ئىسپانىيە پالاتاسىغا سۇنۇلغان قانۇن تەكلىپىنى 130 پالاتا ئەزاسى رەت قىلىپ، 14 پالاتا ئەزاسى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، 68 پالاتا ئەزاسى بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر